خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەن، كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدىكەن!»، 23-ماي، تۆتىنچى تۈركۈم «يىپەك يولىدىكى داڭدار شەخسلەرنىڭ جۇڭگو سەپىرى» زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھېس قىلغانلىرىغا ئاساسەن شۇنداق دېدى.
شىنجاڭنىڭ مەدەنىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن
«12 مۇقامدىن ئارىيە»نىڭ شوخ-راۋان ئورۇندىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە، مىسىر، سۇدان قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» ياقىسىدىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن 13 ۋەكىل شىنجاڭنىڭ مۇقام سەنئىتىنىڭ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەمىت ئەلسۆي مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى كۆرگەندىن كېيىن، مەن ھەقىقەتەن ھاياتىي كۈچكە تولغان، كۆپ تەركىبلىك مەدەنىيەتكە ئىگە شىنجاڭنى تولۇق ھېس قىلدىم، كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ سەنئەت، مەدەنىيەت ساھەسى جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»
قەدىمكى يىپەك يولى كىشىلەرگە بەخت ياراتتى
سەنال ئابدۇللافاتىخ مۇنداق دېدى: ھازىر «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئالاقە، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق قائىدىلەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. شۇ سەۋەبتىن مەن «بىر بەلباغ، بىر يول» باشقا دۆلەتلەرگە ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۆز ياقىسىدىكى دۆلەت كىشىلىرىگە ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە بەخت يارىتىپلا قالماي، مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى