باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كومپيۇتېر يېڭى ۋىرۇسى ئاستىرتىن ھۇجۇم قوزغىماقچىمۇ؟ بۇ ۋىرۇسمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇس قورالى ئامبىرىدىن كەلگەن

2017.05.25 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يىغلىغۇم بار» (WannaCry) دېگەن نامدىكى قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز بولمىغان قالايمىقانچىلىقنى پەيدا قىلدى. نۇرغۇن كىشىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغىنى بۇ ۋىرۇس ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىي تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋىرۇس قورال-ياراغ ئامبىرىدىن كەلگەن.

  «يىغلىغۇم بار» ۋىرۇسى تەسلىم بولىدىغانغا ئاز قالغان پەيتتە، كرودىيەنىڭ بىر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى يەنە بىر ئىسمى «مەڭگۈلۈك تاش» (EternalRocks) نامىدىكى يېڭى ۋىرۇسنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاستىرتىن ھۇجۇم قوزغىماقچى ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالغان. بۇ ۋىرۇسنىڭمۇ كېلىش مەنبەسى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىي تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋىرۇس قورال-ياراغ ئامبىرى ئىكەن.

  ستامپار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋىرۇسنىڭ ئىسمى «مەڭگۈلۈك تاش» (EternalRocks) ، ئۇنىڭ كود يېزىلىشىمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئاشكارلىنىپ قالغان ۋىرۇس قورال - ياراغ ئامبىرىغا تەۋە ئىكەن.

  ستامپار توردا ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، «مەڭگۈلۈك تاش» (EternalRocks) ۋىرۇسىنىڭ ئىككى باسقۇچ بويىچە ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرىغا كىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىرۇسنىڭ ئىككىنچى باسقۇچتا كومپيۇتېردا يوشۇرۇنۇش ۋاقتى 24 سائەتتىن كەم بولمايدىكەن، شۇ ئارقىلىق كومپيۇتېرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقاپ قېلىشىدىن ساقلىنىدىكەن. ستامپار مۇنداق دېدى: «مەڭگۈلۈك تاش» (EternalRocks) ئابونتلارنىڭ كومپيۇتېرىدا بىر مەزگىل يوشۇرۇنغاندىن كېيىن، ئاندىن جانلاندۇرۇلۇپ، يامان غەرەز ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ ھازىر جىددىي كېڭىيىش باسقۇچىدا، ئاندىن جىمجىت يوشۇرۇنۇپ ئاخىرقى بۇيرۇقنى ساقلايدۇ، مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمى ھازىر تېخى مۇقەددىمە باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر