باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ

2017.05.24 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ماي، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى: 5-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 18:00دە (بېيجىڭ ۋاقتى) بولۇپ، تەكشۈرۈش تور ئادرېسى: شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (http://www.xjrsks.com.cn/website/) ئىكەن.

  يازمىچە ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي ئەھۋالىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار مەسئۇل تارمىقى يېزىقچە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر كونترول چېكىنى بىر تۇتاش بېكىتىدىكەن.

  يازمىچە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن نومۇر كونترول چېكىدىن يۇقىرى، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قەدەر تۆۋەندىكى پىرىنسىپ بويىچە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار بەلگىلىنىدىكەن: بىر ئادەمدىن ئىككى ئادەمگىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلارغا، 1 گە 3 نىسبەت بويىچە يۈزتۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. ئۈچ ئادەمدىن 10 ئادەمگىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئورۇنلارغا، 1 گە 2 نىسبەت بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىكەن. يۈزتۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقۇچىلار سانى ئۆلچەمدىكىدەك نىسبەتكە يەتمەي قالسا، ئەڭ تۆۋەن نومۇر كونترول سىزىقىدىن ئۆتكەن ئەمەلىي ئادەم سانى بويىچە يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىش سانى بەلگىلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر