- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسىنىڭ «مەملىكەت بويىچە پىرىيوم-كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2017.05.23 14:46 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسىنىڭ «مەملىكەت بويىچە پىرىيوم-كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى» 1 -ماي رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 13-مايغا قەدەر، ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش تۈركۈم قېتىم سانى 1741 تۈركۈمگە، قاپلاش نىسبىتى %75.63كە يەتتى.
شىنجاڭ پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى يى جيەن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى ئۆز ئالدىغا «شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش - يوللاش سىستېمىسى»نى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ بولغان، 2016-يىلى، ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈشكە مەلۇم قىلىش ۋە ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسى ئىلتىماس قىلىش بويىچە پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، 2016-يىلى 9-ئايغا كەلگەندە، ئېلېكتىرونلۇق تەكشۈرۈش، يوللاشنىڭ قاپلاش نىسبىتى %61.6 كە يەتكەن، بۇ سىستېما كېيىن تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش غول سىستېمىسىنىڭ تورىغا ئۇلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن توختىتىلغان. بۇ قېتىم تورغا ئۇلىنىپ ئىشلىتىلگەن ئېلېكتىرونلۇق سىستېما مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن سىستېما.»
«مەملىكەت بويىچە پىرىيوم-كارانتىن ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىسى» كارخانىلارنىڭ تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىش، كارانتىن قىلىشنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا ئېلىنغان ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات مەملىكەت بويىچە پىرىيوم-كارانتىن مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش كەسپىدە يۆتكەپ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق سىستېمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە e-CIQ ئابونت ئىلتىماس قىلىش، WEB بەت مەلۇم قىلىش، يەككە كۆزنەك، يەرلىك جامائەت مۇلازىمەت سۇپىسى، ئىجازەتنامە/ئەنگە ئېلىش سىستېمىسى ھەم e-CIQ غول سىستېمىسى، ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئېكسپورتتىن قايتۇرۇلغان ماللارنى سۈرۈشتۈرۈش-تەكشۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق پىرىيوم-كارانتىن قىلىش كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىلىرىنىڭ يۇچۇقسىز تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر