باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ب د ت «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى

2017.05.25 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ماي ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق ب د ت ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت كېڭىشى تەرەققىياتىغا مەبلەغ توپلاش مۇنبىرىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە، يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئەزا دۆلەت ۋەكىللىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى.

  ب د ت سودا ۋە تەرەققىيات يىغىنىنىڭ باش كاتىپى كىتۇيى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى دۇنيا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە ئۈلگىلىك رول ئوينىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشى كېرەك. ب د ت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە كاتىپى ئەختەر مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللاندى.

  يىغىندىن كېيىن، چىلى ۋەكىلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئاجىز، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىش كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى. مىسىر ۋەكىلى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر قانداق قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى تىزلىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئالجىرىيە ۋەكىلى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى مۇھىم خەلقئارا جامائەت مەھسۇلاتى، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئادىل، مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر