باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى بازىرىدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى

2017.05.26 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى تالىشىپ سېتىۋىلېش سودا يەرمەنكىسىنىڭ تۇنجى باشلىنىش مۇراسىمى شىنجاڭ مۈلۈك ھوقۇقى سودا ئورنىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسى بازىرىدا رەسمىي تىجارەت باشلانغانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىياتى بىلەن بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى بىر گەۋدىلەشكەن مۇھىت تۈزەش ئەندىزىسىنىڭ رەسمىي يۈرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

  بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسى 800 توننا گۈڭگۈرت (Ⅱ) ئوكسىد، 1200 توننا ئازوت ئوكسىد، 5 توننا ئاممىياكلىق ئازوت ۋە 20 توننا خىمىيەگە ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇنجى قېتىملىق تالىشىپ سېتىۋېلىش سودىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گۈڭگۈرت (Ⅱ) ئوكسىد بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى 2 مىليون 758 مىڭ 700 يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە 10 شىركەتنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى ھەر توننىسى 3500 يۈەن، ئۈچ شىركەتنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى ھەر توننىسى 3400 يۈەن بولدى.

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىرلىكتە تارقاتقان «بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققىنى ئېلىش ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىدىكى ئۆلچەملىك باھا قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىدىكى تۈپ باھاسى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ھەمدە بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىدىكى باھا «بۇلغىمىلارنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودىسىدىكى تۈپ باھاسى»دىن تۆۋەن بولسا بولمايدىغانلىقى تەلەپ قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر