باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى ئوبلاستىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ يول ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

ئىلى ئوبلاستى بۇ يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىلغىچە بۇ يېڭىدىن ئېچىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە ھەر يىلى 30 مىليون يۈەندىن ياردەم پۇلى بەرمەكچى بولدى

2017.05.25 14:37   مەنبە: خەلق تورى

ئىلى ئوبلاستىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ يول ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- مايدىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە، ئىلى ئوبلاستىدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ يول ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىدۇ، ھەمدە ئۇدا ئۈچ يىلغىچە يېڭىدىن ئېچىلغان بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە ھەر يىلى 30 مىليون يۈەندىن ياردەم پۇلى بېرىدىكەن.

  24- ماي، ئىلى ئوبلاستىدا ئۈچ يول يېڭىدىن ئېچىلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئىمزا قويۇش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

  ئىلى ئوبلاستى بىلەن جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۆزئارا ئىمزالىشىپ ئاچقان مەزكۇر «غۇلجا – ئۈرۈمچى - شاڭخەي خۇڭچياۋ» دۆلەت ئىچىدىكى بېرىپ كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، 6- ئاينىڭ باشلىرىدا تۇنجى قېتىملىق قاتناش باشلاشنى، 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن بۇرۇن رەسمىي قاتناش باشلاشنى پىلانلىغان.

  ئىلى ئوبلاستى بىلەن تيەنيۈەن دۆلەتلىك خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى (ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە شىركىتى) ئىمزالىشىپ ئاچقان « غۇلجا ـ قەشقەر ـ ئۈرۈمچى» شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايلانما لىنىيەسى، 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇنجى قېتىم قاتناشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

  ئىلى ئوبلاستى بىلەن جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئۆزئارا ئىمزالىشىپ ئاچقان مەزكۇر «غۇلجا – تۇرپان - تيەنجىن» دۆلەت ئىچىدىكى بېرىپ كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، تۇنجى قېتىملىق قاتناشنى يېقىندا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېرشاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ يول يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن باشقا يەنە، ئىلى ئوبلاستى غۇلجا – ئالمۇتا خەلقئارا لىنىيەسى بىلەن ، ھەمدە غۇلجا - ئۈرۈمچى - شېنجېن، غۇلجا – كورلا - چۇڭچىڭ، غۇلجا – ئۈرۈمچى – قاناس دېگەندەك دۆلەت ئىچى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى لىنىيەلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بالىلارغا يىڭنە سانجىغان يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش جىنايىتى بىلەن قاماق جازاس…
    ·شىنجاڭنىڭ پىسخىكا مۇتەخەسىسى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ئىمتىھاندا تەمكىن بولۇش كېرەكلىكىنى ئې…
    ·جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مائارىپىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق
    ·دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا «ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان دۆلەتلىك…
    ·بۇ يىل پىلان بويىچە 80 مىڭ ئالاھىدە شتات ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ
    ·ئىنگلىز تىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ ئەمالار يېزىقىدىكى ئىمتىھان قەغىزىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى پۈتتى
    ·ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت دائىرىسىدىن 22 مىڭ 972 ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، ئوقۇغۇچىلار…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2017-يىللىق جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىم…
    ·چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەر بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشنىڭ رايون ھالقىغان سەييارە پونكىتلىرى تۇنجى ب…