باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنىڭ سانى بىر مىلياردتىن ئاشتى، فۇنكسىيەسى 100دىن ئاشتى

2017.05.26 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۇۋ جۈن 25-ماي چۈشتىن بۇرۇن 1 مىلياردتىنچى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خەندەن شەھىرى گۇەنتاۋ ناھىيەسى شۇۋدۇڭ كەنتىدىكى 16 ياشلىق ئوقۇغۇچى نىڭ جيېنىڭ قولىغا تاپشۇردى، شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئۆلچەمدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بارلار بىر مىلياردتىن ئېشىپ، قاپلىنىش نىسبىتى %72تىن ئاشتى. «13-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ، ھەممە كىشىنىڭ قولىدا بىردىن ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلىش، كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىش، كېسەل كۆرسىتىپ ئاتچوت قىلىش، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، تۇغۇت سۇغۇرتىسىدىن بەھرىلىنىش، نۇقتىلىق ساھە(كارخانىلار)دىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن مائاش ئېلىش... ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى جيا خۇەيبىن مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتە 102 تۈرلۈك تىپىك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە، بۇ فۇنكسىيەلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ئوتتۇرىچە يولغا قويۇلۇش نىسبىتى %80كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە سەنشى، جياڭسۇ، ئەنخۇي، فۇجيەن، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ يەتتە ئۆلكىدە بارلىق فۇنكسىيەلەر يولغا قويۇلدى. 102 تۈرلۈك مۇندەرىجىنى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە يىل ئاخىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش پىلانلاندى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق ئىشلىرى، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت، جامائەت تۇرالغۇ فوندى، مېيىپلار مۇلازىمىتى، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تولۇقلىما قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپلەپ ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، بىر كارتىنى كۆپكە ئىشلىتىش ئەمەلگە ئاشتى. ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ھەم بانكا كارتىسى، نۇرغۇن يېزا ئاھالىلىرى، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ تۇنجى بانكا كارتىسى؛ نۇرغۇن جايلار ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى ئارقىلىق تۈرلۈك مالىيە تولۇقلىمىلىرىنى تارقىتىدۇ؛ بەزى جايلار يەنە سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق جامائەت ئىشلىرىغا تۇتاشتۇرۇپ ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  ھازىر، مەملىكەت بويىچە 311 ئۆلكە، شەھەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى رايون ھالقىپ ئىشلىتىشنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە 259 ئۆلكە، شەھەر(%69.6) باشقا جايدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىشنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 123 ئۆلكە، شەھەر باشقا جايدىكى دورىخانىلاردىن دورا سېتىۋالغاندا راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 106 ئۆلكە، شەھەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن باشقا جايدا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش، دورا ئېلىش قاتارلىق داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 95 ئۆلكە، شەھەر ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى بىلەن باشقا جايدا كۈتۈنۈش پۇلى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر