باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش»قا ئالاقىدار بارلىق تۈرنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

2017.05.26 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 25-ماي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، تيەنجىن، بېيجىڭ، گۇاڭشى قاتارلىق جايلارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئويدۇرۇپ چىقىلغان «خەير-ساخاۋەت بىلەن خەلقنى بېيىتىش باش ئىشتابى» ئاپپاراتىنىڭ «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش» باھانىسى بىلەن ئەزا قوبۇل قىلىپ، ئالدامچىلىق قىلغان جىنايەت شايكىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىتچىت قىلغان، ھازىرغىچە جىنايەت گۇماندارىدىن 44نى قولغا چۈشۈرگەن، «خەير-ساخاۋەت بىلەن خەلقنى بېيىتىش باش ئىشتابى»نىڭ يادرولۇق ئەزالىرى ۋە بۇ قېتىملىق «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش» ئالدامچىلىقىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تورغا چۈشكەن.

  بۇنىڭغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىش ئېڭىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەكلىكى، «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش»قا ئالاقىدار بارلىق تۈرنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى، قەتئىي ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكى، ئالدانغانلىقىنى بايقىغان ھامان دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلىشنى ئەسكەرتتى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى توردا «خەير-ساخاۋەت بىلەن خەلقنى بېيىتىش باش ئىشتابى» ئەزالىرىنىڭ «مىللىي مۈلۈكنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىش» باھانىسى بىلەن ئەزا قوبۇل قىلىپ «<قۇش چاڭگىسى>دا خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى بار، قاتناشقانلار 50 مىڭ يۈەن ئالالايدۇ» دېگەنلىكتەك ۋە زور تۈركۈمدىكى ئەزالارنى بېيجىڭ تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جايلاردا يىغىلىشقا تەشكىللىگەنلىكتەك ئۇچۇرلار پەيدا بولدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق «خەير-ساخاۋەت بىلەن خەلقنى بېيىتىش باش ئىشتابى»نىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسىنىڭ چېن موۋيىڭ قاتارلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

  بۇ دېلودا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يالغاندىن جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ھەر قايسى سۇلالىلەر ھالاك بولغاندا شۇنداقلا گومىنداڭ مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە كەلگەندە چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە چەت ئەلدە غايەت زور بايلىق قالدۇرغان، دۆلەت ھازىر بىر قىسىم ئەلئارا تەشكىلات ياكى كارخانىلارغا ھاۋالە قىلىپ چەت ئەلدىكى «مىللىي مۈلۈك»لەرنى توڭلىتىشنى بىكار قىلىۋاتىدۇ دەپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئالداپ ئىش باشلاش مەبلىغى، ئەزالىققا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش ياكى مەبلەغ سېلىپ پاي قوشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان، شۇنداقلا «مىللىي مۈلۈك»نى توڭلىتىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن مەبلەغ سېلىپ ياردەم قىلغۇچىلارغا زور سوممىلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، توختىماي پۇل-مال ئالدىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر