باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندانى ليۇ شىنچى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىلدى

2017.05.25 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 24 - ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ تەستىقى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، قوماندانى ليۇ شىنچىنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق مەسىلىسى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مۇنۇلار ئېنىقلاندىكى، ليۇ شىنچى پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلاشقان؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ ۋەزىپىگە قويغان؛ پاك ـ دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ياكى ۋەزىپىسىدىكى تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى كۆزلىگەن، ئۇنىڭ ئوغلى باشقىلاردىن پۇل-مال ئالغان، تۇغقانلىرىنىڭ ئۇنىڭ خىزمەتتىكى تەسىردىن پايدىلىنىپ سودىگەرچىلىك قىلىپ، سوۋغا ۋە ھۆرمەت پۇل قوبۇل قىلىشىغا سۈكۈت قىلغان؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئارىلاشقان.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ليۇ شىنچىغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ئۇنىڭغا مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلىپ، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈپ، بىرەھبەر ۋەزىپىسىگە قويۇلغان؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلۈكلىرى يىغىۋېلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر