خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ 25-ماي گىرېتسىيەنىڭ ئافىنا شەھىرىدە تارتىلغان، گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پاپادىمۇسنىڭ ماشىنىسى ئىچىدىكى پوچتا يوللانما بومبىسى پارتلاش ۋەقەسى بولغان نەق مەيدان. گىرېتسىيەنىڭ دۆلەت ئاگېنتلىقى ئافېنا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پاپادىمۇس شۇ كۈنى ئافېنا شەھەر مەركىزىدە، ئۇنىڭ ماشىنىسىغا قويۇپ قويۇلغان پوچتا يوللانما بومبىسىنىڭ پارتلىشى سەۋەبلىك يېنىك يارىلانغان، ئۇنىڭ شوپۇرى ۋە ئالدى قوشۇمچە ئورۇندا ئولتۇرغان كىشىمۇ يېنىك يارىلانغان. پاپادىمۇس 2011-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە گىرېتسىيەنىڭ زۇڭلىسى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى