باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش خىزمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى

2017.05.26 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25- ماي، دۆلەت قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  «جۇڭخۇا قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش پىلانى» يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم دۆلەت تەرىپىدىن رىياسەتچىلىك قىلىنىپ قانات يايدۇرۇلغان مەملىكەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان، مەزكۇر قۇرۇلۇش مۇكەممەل تۈزۈلمە ۋە مېخانىزم ئورنىتىپ، قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «دۆلەت قىممەتلىك قەدىمكى ئەسەرلەر مۇندەرىجىسى»نى باھالاپ، قەدىمكى ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلىغان. بولۇپمۇ بىر تۈركۈم قىممەتلىك قەدىمىي ئەسەرلەرنىڭ قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى 12 مەركىزىي مەيدان تەسىس قىلغان،

  ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەيدانىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 7250 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن؛ دۆلەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك قەدىمكى ئەسەرلەرنى ساقلايدىغان ئاپپاراتلار قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي بۆلۈملىرىدىن 247ىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان، ئومۇمىي كۆلىمى 16 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان؛ قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغدايدىغان بىر كەسپىي قوشۇن يېتىشىپ چىققان، تولۇق بولمىغان مەلۇماتقا قارىغاندا، «12- بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرغىچە، مەملىكەت بويىچە قەدىمكى ئەسەرلەرنى ساقلىغۇچى ئورۇنلاردىكى قەدىمكى ئەسەرلەر كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنىڭ سانى 2007- يىلىدىن بۇرۇنقى مىڭغا يەتمىگەن ئادەمدىن ھازىرقى 10 مىڭ ئادەمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قەدىمكى ئەسەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملارنىڭ سانى 100دىن 1000غا يەتكەن.

  دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ پەخرىي باشلىقى جۇ خېپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە قەدىمكى ئەسەرلەرنى قوغداش خىزمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. «جۇڭخۇا قەدىمىي ئەسەرلەرنى قوغداش پىلانى» جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر