باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش مۇلازىمىتى ھەققى بويىچە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2017.05.26 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 25-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گوۋۇيۈەننىڭ كارخانىغا چېتىلىدىغان ھەق ئېلىش خىزمىتىنى ئېنىقلاش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش مۇلازىمىتى بويىچە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش يېقىندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  «دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش مۇلازىمىتى بويىچە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش يېقىندا ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» غا ئاساسەن، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، كونكرېت ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ج خ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق مەملىكەتلىك پۇقرالارنىڭ سالاھىيەت نومۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتى مەركىزى ئادىل، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش ۋە سەمىمىي، ئىشەنچلىك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئابۇنىچىلار بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.«ئۇقتۇرۇش» تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي خاراكتېرلىك ئەمەلىي نام تۈزۈمى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان سالاھىيىتىنى بېكىتىش مۇلازىمىتى ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك؛ نوپۇس ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش مۇلازىمىتى ھەققى ئۆلچىمىنى ئەسلىدىكى ھەر قېتىمدا ئېلىنىدىغان 50 يۈەندىن 25 يۈەنگە تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ بەلگىلىمە بويىچە دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، جامائەت پاراۋانلىقى ئاپپاراتلىرى ۋە پۇقرالار تەمىنلىگەن مۇلازىمەتتىن ھەق ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر