- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئېلان قىلىندى، تەمىناتىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلەمسىز؟
2017.05.26 15:48 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى ئىسلاھاتى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى» ناملىق ماقالىدە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى جەھەتتە داۋاملىق تەڭشەش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 2012-يىلىدىكى 1686 يۈەندىن 2016-يىلىدىكى 2362 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈتۈنۈش پۇلى 117 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئايلىق كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى 105 يۈەنگە يەتتى.
داۋالاش سۇغۇرتىسى جەھەتتە، 2016-يىلى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شۇ جايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تەقسىملەنگەن كىرىمىنىڭ ئالتە ھەسسىسىگە باراۋەر بولدى، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدىكى بالنېتسىدا يېتىش ھەققى فوندى چىقىم نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80 ۋە %70 ئەتراپىدا بولدى.
ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى جەھەتتە، مەملىكەت بويىچە ئايلىق ئوتتۇرىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى سەۋىيەسى 2012-يىلىدىكى 686 يۈەندىن 2016-يىلىدىكى 1051 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 2365 يۈەن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.3 ئاشتى.ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى جەھەتتە، 2016-يىلى، ئىش ئۈستىدە قازا قىلغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىر قېتىمدا بېرىلگەن ئىش ئۈستىدە قازا قىلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 624 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلىدىكى 436 مىڭ يۈەندىن 188 مىڭ يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %9.4 ئاشتى.
تۇغۇت سۇغۇرتىسى جەھەتتە، 2016-يىلى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى، تۇغۇت تەمىناتى سەۋىيەسى 15 مىڭ 385 يۈەنگە يېتىپ، 2012-يىلىدىكى 11 مىڭ 287 يۈەندىن 4098 يۈەن ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8.1 ئاشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر