باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭسۇ ئۆلكىسى بۇلتۇردىن بېرى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى خارلاشقا چېتىشلىق 100 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان

2017.05.27 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- ماي، جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى «مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قوغدىغۇچى بولۇش»نى باش تېما قىلغان تەپتىشلىك ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  جياڭسۇ ئۆلكىلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك ئەزاسى ۋاڭ گۇەنجۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: بۇلتۇردىن بېرى، جياڭسۇ تەپتىش ئورگانلىرى مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنى خارلاشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 133 گۇماندارنىڭ دېلولىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ دېلولارنى راۋىتكا قىلىشنى ۋە ئۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 100 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىش تەستىقلانغان؛ 452 جىنايەت گۇماندارى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 329 جىنايەت گۇماندارى ئەيىبلەنگەن. ئۇ جىنايەت گۇماندارلىرى تەشكىللىك ھالدا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە باشقا ئوقۇغۇچىلارنى خارلاشقا كۈشكۈرتۈپ، مەجبۇرلاپ، ئازدۇرۇپ ۋە ئۇ ئازغۇنلارغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، قۇرامىغا يەتكەن ئۇ جىنايەت گۇماندارلىرىغا قارىتا، تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قوش يۆنىلىشلىك قوغداش پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، جىنايەتكە چېتىلغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر