باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

6- ئايدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

تور بىخەتەرلىكى قانۇنى شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ

2017.05.27 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇ، ئېلىمىزنىڭ تور ساھەسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭدا، شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مەزكۇر تور بىخەتەرلىكى قانۇنىدا جەمئىي يەتتە باب 79 ماددا مەزمۇن بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە، شەخسىي ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلغان ھالدا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئىقتىدارىغا ئىگە تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلەر، ئۇچۇرنى تەمىنلىگۈچى خېرىدارلارغا ئوچۇق ئىپادە بىلدۈرۈشى ھەم ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ توردا تىجارەت قىلغۇچىلار توپلىغان ئۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، ئۆزگەرتىش ۋە بۇزۇشقا بولمايدۇ؛ ھەر قانداق شەخس ۋە تەشكىلات شەخسىي ئۇچۇرنى ئوغرىلاش ياكى باشقا قانۇنسىز ئۇسۇل ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، شەخسىي ئۇچۇرنى قانۇنسىز سېتىش ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز ھالدا تەمىنلەپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر تور بىخەتەرلىكى قانۇنىدا يەنە تور ئالدامچىلىقى، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە، تور بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش دېگەندەك جەھەتلەرگە ئائىت ئېنىق بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر