باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى يولداش خۇاڭ دانيەنگە «دەۋر نەمۇنىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بەردى

2017.05.27 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 26-ماي پۈتۈن جەمئىيەتكە «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر زىيالىي» خۇاڭ دانيەننىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلىپ، يولداش خۇاڭ دانيەنگە «دەۋر نەمۇنىسى» دېگەن شەرەپلىك نام بەردى.

  يولداش خۇاڭ دانيەن دۇنياغا مەشھۇر گېئوفىزىكا ئالىمى. ئۇ 2009-يىلى چەت ئەلدىكى ئەۋزەل شارائىتتىن ۋاز كېچىپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى بىلەن ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ۋەتەنگە قايتىپ، ئانا مەكتىپى جىلىن ئۇنىۋېرسىتېتى يەر شارىنى تەكشۈرۈش ئىلىمى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى بولغان، شەرقىي شىمال رايونىدىكى «مىڭ كىشىلىك پىلان» بويىچە كىرگۈزۈلگەن تۇنجى مۇتەخەسسىس. يەتتە يىلدىن بۇيان، ئۇ پايدا-زىيان بىلەن ھېسابلاشماي، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى باشلاپ جان پىدالىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بىر قاتار زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى بىر نەچچە تۈرلۈك تېخنىكا بوشلۇقىنى تولدۇرغان، بەزى نەتىجىلىرى خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەۋىيەسىگە يېتىپ، چوڭقۇر يەر بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان. بۇ يىل 1-ئايدا يولداش خۇاڭ دانيەن كېسەل سەۋەبىدىن 58 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 25-ماي يولداش خۇا دانيەننىڭ ئىلغار ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليۇرۇقىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش خۇاڭ دانيەن پەن- تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش غايىسىنى تىكلەپ، ۋەتەننىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتى، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ، پەن تەتقىقات ئىشلىرى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش- پائالىيەتلىرى كىشىنى بەك تەسىرلەندۈرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر