باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت تارماق بىرلىشىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەمۇرلار خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش يۆنىلىشىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى كېرەك

2017.05.27 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ «مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىنكى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى) نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى ئەسلى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزاسىغا تەۋە بولغان مەمۇرلار ۋە باشقا ھاكىم ۋە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئەسلى ۋەزىپىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى رايون ۋە كەسىپ دائىرىسىدىكى كارخانىلار، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ياكى باشقا پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، مەمۇرلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كەسىپكە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ باشقا مەمۇرلار خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئىككى يىل ئىچىدە، ئەسلى خىزمىتى، كەسپىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلار ياكى باشقا پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئۆتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، مەمۇرلارنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى كەسىپكە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەمۇرلار خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندە، كەسپىي يۆنىلىشىنى ئەينەن دوكلات قىلىپ، ۋەدىنامە ئىمزالاپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش سۈرۈكى ئىچىدە كەسىپ ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىشى كېرەك؛ مەمۇرلار ئەسلى قاراشلىق ئورۇنلار ئىستېپانامىنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن شۇ كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، كەسپىي يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئۇلارغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك؛ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ شۇغۇللىنىدىغان كەسپىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشى كېرەك؛ سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە بازار نازارەتچىلىكى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغانلار ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلغان كارخانىلارغا مۇناسىپ جازا بېرىدۇ.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسەتلەرنى توغرا ئىگىلەپ ۋە ئىجرا قىلىپ، مەمۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پىكىر» پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، كادىرلارنى باشقۇرۇش تەلىپىنى چىڭىتىش، مەمۇرلارنى نازارەت قىلىش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. كېيىنكى قەدەمدە، مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار، سودا-سانائەت بازارلىرىنى نازارەت قىلغۇچى تارماقلار «پىكىر» نىڭ تەلىپى بويىچە، مەمۇرلارنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر