باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىدى

2017.05.31 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 26- ماي، شىنجاڭ ئەپەندى كىنوچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى ئارىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تۆۋەندىكىچە: بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پىروفېسسور سۈن لىجۈن، بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى تەربىيەلەپ باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى يولداش سۇڭ ۋېنيۈ؛ شىنجاڭ ئەپەندى كىنوچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جىڭيۈ خانىم، بېيجىڭ ئەپەندىم كىنوچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ۋەكىلى يۈ جىڭ خانىم.

  بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى تەربىيەلەپ باشقۇرۇش مەركىزى ھازىر دۆلەت ئىچىدىكى 18 ئۆلكە رايون بويىچە 18 تەربىيەلەش مەركىزى تەسىس قىلغان، ھەمدە كانادا ۋە ئامېرىكىدا چەت ئەلدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى تەسىس قىلغان. بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن لىجۈن شىنجاڭ ئەپەندى كىنوچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جىڭيۈ بىلەن بىرلىكتە «بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزى» كېلىشىمنامىسىنى ئىمزالىدى. بۇ تۈر ھەمكارلىق ئارقىلىق يېتىدىغان نىشان شۇ بولىدۇكى، شىنجاڭ ئەپەندى كىنوچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتىنىڭ شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزىنى سۇپا قىلىپ تۇرۇپ، شىنجاڭ فوتو سۈرەت كىنو-تېلېۋىزىيە، ئىشلەپ چىقىرىش، ئويۇن، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە رېژىسسورلۇق، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك سەنئىتى قاتارلىق كەسىپلەردىكى كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە كەسىپكارلارنى كىنو-تېلېۋىزىيە كەسپى بويىچە تەربىيەلەش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم سەھنە بىلەن تەمىنلەشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر