باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇغدا كۆلىدە غەربىي شىمالدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز-ئوكيان سۇ دۇنياسى قۇرۇلىدۇ

2017.05.27 15:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېلەر يىلى كۈزدە ساياھەتچىلەر تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلىگە بارسا، سۇ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە قانغۇچە سۇ ئوينىيالايدۇ. مۇخبىرنىڭ 23-ماي شىنجاڭ بۇغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇغدا كۆلىدە غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز-ئوكيان سۇ دۇنياسى قۇرۇلىۋېتىپتۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان دېڭىز-ئوكيان سۇ دۇنياسى بۇغدا كۆلى دەرۋازىسىنىڭ غەربىي شىمال بۇلۇڭىغا توغرا كېلىدىكەن، ئىگىلىگەن كۆلىمى 1213.39 مو بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىن ئۈچىگە توغرا كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا 680 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن، 2018-يىلى ئىيۇلدا پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدىكەن، ئۇ چاغدا ساياھەتچىلەر چوڭ تىپتىكى سۇ مۇسابىقىلىرى، پەلەك ئايلانما سىيرىلما شوتىسى، دېڭىز دولقۇنى كۆلچىكى، سۇ ئۈستى ئەجدىھاسى قاتارلىقلاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنالايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا دېڭىز دولقۇنى كۆلچىكى بولۇپ، مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز دولقۇنى كۆلچىكى ھېسابلىنىدىكەن، ئىگىلىگەن كۆلىمى 28 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سۈنئىي دولقۇنىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر