باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىق ئىككى پۇتبولچى «مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى» دا چاقنىدى

2017.05.27 15:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئەمدىلا ئاياغلاشقان «مۈشۈكئېيىق لوڭقىسى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگوU19 كوماندىسىنىڭ شىنجاڭلىق ئىككى ماھىرى 18 ياشلىق ئېرپان ھېزىمجان بىلەن دىلھىمىت تۇردىنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.

  جۇڭگوU19كوماندىسى گەرچە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە يېڭىلگەن بولسىمۇ، لېكىن 17-ماي ۋېنگىرىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە شىنجاڭلىق ماھىر ئېرپان موللاقچىلاپ كىرگۈزگەن يۇقىرى ماھارەتلىك توپ پۈتكۈل مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى تاڭ قالدۇردى. 21-ماي ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيەنىڭ مۇسابىقىسىدە 18 ياشلىق شىنجاڭلىق ماھىر دىلھىمىتنىڭ كىرگۈزگەن ئىككى توپى ھەممەيلەننى خۇشال قىلدى.

  ئېرپان دۆربىلىجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2013-يىلى 14 ياش ۋاقتىدا گېرمانىيەنىڭ داڭلىق كۇلۇبى بولغان بايرېن مىيۇنخېننىڭ ياشلار كوماندىسىدا سىناق مەشىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن، بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپادىكى مانچېستېر شەھىرى كۇلۇبى ۋە پورتۇ كۇلۇبلىرىنىڭ سىناق مەشىق قىلىش تەكلىپىگە ئېرىشكەن. ئېرپان ھازىر تاللايدىغان كوماندىسىنى قاتتىق ئويلىشىۋېتىپتۇ.

  دىلھىمىت ئاتۇشتا تۇغۇلغان، خېڭدا پۇتبول مەكتىپى 2012-يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق ماھىر بولۇپ، ھازىر خېڭدا كوماندىسىدا ئىكەن. بۇ يىل ئۇ يەنە گۇاڭدۇڭ كوماندىسى تەركىبىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر