خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 31-ماي چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسىدە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن جۇڭگو-گېرمانىيە زۇڭلىلىرىنىڭ يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق، سودا، مەبلەغ سېلىشى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىدا يېڭى يول ئېچىلدى. نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ، يەر شارىلىشىشقا قارشى ئېقىم ۋە قورۇقچىلىق خاھىشى باش كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو-گېرمانىيە داۋاملىق ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغداپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن تاشقى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، رايونلار ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، ھەمكارلىقى، تەرەققىياتىغا ئورتاق كۈچ قوشۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى