- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىككى كۈندە 734 كارخانىنى تەكشۈردى
600دىن ئارتۇق كارخانىدا مۇھىت مەسىلىسى كۆرۈلدى
2017.05.31 16:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 30-ماي بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ 23 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 28-، 29-ماي ئىككى كۈندە 734 كارخانا(ئورۇن)نى تەكشۈرۈپ، 604 كارخانىدا مۇھىت مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىغان، تەكشۈرۈلگەن ۋە مەسىلە بايقالغان كارخانىلارنىڭ سانى يەنە يېڭى رېكورت ياراتقان.
مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا دېيىلىشىچە، 29-ماي، 23 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەكشۈرگەن 415 كارخانا(ئورۇن)نىڭ 353ىدە مۇھىت مەسىلىسى ساقلانغان. مەسىلە ساقلانغان كارخانىلار ئارىسىدا، «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» بولۇش مەسىلىسى ساقلانغان كارخانىدىن 158ى، بۇلغىما بىر تەرەپ قىلىپ ئەسلىھەسى ئورنىتىلمىغىنىدىن 22سى، بۇلغىمىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى نورمال ئىشلىمەيدىغىنىدىن 23ى، ئاپتوماتىك كۆزىتىشتە ساختىلىق قىلىشقا چېتىلغان ئورۇندىن بىرى، VOCsنى ئىدارە قىلىش قىلىش مەسىلىسى ساقلانغان ئورۇندىن 52ى باركەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 28-مايدىن 30-مايغىچە بولغان تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ 23 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بايراملىق دەم ئالماي، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، كېچىدە چارلاش، تۇيۇقسىز چارلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانىلارنىڭ قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىشى ۋە «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن توپلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرگەن.
ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 28- ۋە 29-ماي ئىككى كۈندە، 23 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 734 كارخانا(ئورۇن)نى تەكشۈرۈپ، 604 كارخانىدا مۇھىت مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىغان، تەكشۈرۈلگەن ۋە مەسىلە بايقالغان كارخانىلارنىڭ سانى يەنە يېڭى رېكورت ياراتقان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر