ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر سارىيىدا «خۇشال بالىلىقتا ئارزۇلار قاناتلانسۇن» باش تېمىلىق ئەترەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە شى جىنپىڭ بالىلار بىلەن مۇھىت ئاسراشقا بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشى توغرىسىدا سۆزلەشمەكتە.
«قارىسام قانداقلا نامنى ئىشلەتسەم قاملاشمايدىكەن، شۇڭا <چوڭ دوست> دېگەن نامنى ئىشلىتەي» 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك ئۆسمۈرلەر سارىيىغا كېلىپ، «چوڭ دوست» دېگەن نامدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
«چوڭ دوست» دېگەن سۆز شى جىنپىڭ بىلەن بالىلارنىڭ ئارىلىقىنى بىردىنلا يېقىنلاشتۇردى.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر قېتىملىق «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىدا شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر-بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ۋە ھال سوراپ، ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ھازىر ۋەتەننىڭ ياخشى پەرزەنتى، كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرغۇچىسى بولۇڭلار، گۈزەل تۇرمۇش ۋە گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ» 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 7-قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ۋە ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەر-بالىلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى