باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، باتۇرلۇق بىلەن دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەيلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پەن-تېخنىكا ئۈچ يىغىنى»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىر يىل بولغانلىقى توغرىسىدا

2017.05.31 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ماي، مەملىكەت بويىچە 81 مىليون پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ بايرىمى يەنى تۇنجى «مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈنى»نى كۈتۈۋالدى.

  بىر يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگودىن ئىبارەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش بۇرغىسىنى چالدى.

  پەن-تېخنىكا ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش روھنى ئەۋج ئالدۇرۇش... بۇ بىر يىلدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئېلىمىز پەن-تېخنىكا ئىشلىرىدا يېڭى زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  «جۇڭگو قۇدرەت تاپىمەن، خەلقنى بەختلىك قىلىمەن دەيدىكەن، چوقۇم پەن-تېخنىكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشى كېرەك.» «ئالەم كۆزى» بىلەن ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈشتىن «ئەجدىھا» بىلەن دېڭىزنى تەكشۈرۈشكىچە، سىلانېتس گازىنى قېزىشتىن كىۋانت كومپيۇتېرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققۇچە، جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا ئومۇميۈزلۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، بىر تۈركۈم «داڭلىق، ساناقتا بار» پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

  «ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىش»تىن «ئىلىم پەننىڭ باھارىنى كۈتۈۋېلىش»قىچە، «بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇش»تىن «مۇھىم تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكا چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىش»قىچە... جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاۋازى بارغانسېرى كۈچىيىپ جاراڭلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىشىكى ئېچىلدى.

  جۇڭگو بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا، ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھالقىش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇشى كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىش باشتىن-ئاخىر بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئالغان ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

  چوڭ ئايروپىلاننى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇش نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقنىڭ ئارزۇسى ئىدى. ئون نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق 2017-يىلى 5-ئايدا C919نىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگو ئەمدى «قانىتى يوق بۈركۈت» بولمايدىغان بولدى.

  ئامېرىكا « ۋال كوچىسى گېزىتى» مۇنداق دېدى: جۇڭگو شانلىق تارىخنى قايتا ھاسىل قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە «قايتىدىن دۇنيا چوققىسى»غا چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر