باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاناس كۆلى ساياھەت رايونى ساياھەت دولقۇنىنىڭ كىچىك پەللىسىنى كۈتۈۋالدى

2017.05.31 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاڭزۇڭزا بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، «دۇنيادىكى پاكىز زېمىن» دەپ نام ئالغان قاناس كۆلى ساياھەت رايونى ساياھەت دولقۇنىنىڭ كىچىك پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ جايدا 28-ماي بىر كۈندە كۈتۈۋېلىنغان مېھمان 7264 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  مۇخبىرنىڭ قاناس ساياھەت رايونىدىن ئىگىلىشىچە، رايونلار ئارا ئاپتوموبىل توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان، ئەۋلىيا قولتۇقى، ئەجدىھا قولتۇقى، كۆل بويىدىكى پىرىستان قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ئوخشىمىغان تەلەپپۇزدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۇچراتقىلى بولغان، ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئاپپاراتىنى ئېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى توختىماي سۈرەتكە تارتقان.

  __ «يولدا كەلگۈچە، تاغ ۋە دالىنى رەڭمۇرەڭ تاغ گۈللىرىنىڭ قاپلىغانلىقىنى كۆردۇق، ھەقىقەتەن كىشىنى مەست قىلغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل ئىكەن» __ دېدى شېنجىندىن كەلگەن ساياھەتچى.

  خېنەندىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ جىنئې مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ ئاسمىنى كۆپكۆك، تاغلىرى ياپيېشىل، سۈيى سۈپسۈزۈك، مەنزىرىسى بەكلا گۈزەل ئىكەن، ھاۋاسىمۇ ناھايىتى ساپ، چۈنكى بۇ تەبىئىي ئوكسېگىندە. مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوستلىرىم كېلەر يىلى يەنە كېلىمىز دەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر