باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېنىيە ئەمەلدارى جۇڭگولۇقلار ياسىغان مومباسا-نايروبى تۆمۈر يولىنى ئالقىشلىدى

2017.05.31 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېنىيەنىڭ پورت شەھىرى مومباسا ۋە پايتەخت نايروبىنى تۇتاشتۇرىدىغان مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى 31-ماي رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلاش ئالدىدا، كېنىيە ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن مومباسا-نايروبى تۆمۈريولىنى ئالقىشلاپ، مومباسا -نايروبى تۆمۈريولى كېنىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ، دېدى.

  مومباسا-نايروبى تۆمۈريولىنى جۇڭگو يول- كۆۋرۈك قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى ياسىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 480 كىلومېتىر كېلىدۇ. قاتناش ھارپىسىدا، كېنىيەنىڭ قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى جېمېس ماچالىيا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئاپتوموبىل بىلەن يۈك توشۇشقا كېتىدىغان ئىككى كۈن ۋاقىتنى سەككىز سائەتكە قىسقارتىدۇ، بۇ، كارخانىلارغا نىسبەتەن تىجارەت تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مال تىرانسپورتى مۇلازىمىتىدىن باشقا، مومباسا- نايروبى تۆمۈريولىدا يەنە يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى قولايلاشتۇرىدۇ.

  كېنىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي كاتىپى رىچارد جىپسان مۇنداق دېدى: جۇڭگو يول-كۆۋرۈك قۇرۇلۇش شىركىتى تۈرنى يولغا قويۇش داۋامىدا، باشتىن-ئاخىر ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇردى. شىركەت ئۇستاز- شاگىرتلىق ياردەم بېرىش، مەكتەپتە تەربىيەلەش قاتارلىق يوللار بىلەن، شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر