خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ماي، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 100 مىڭ پارتىيەلىك كادىر قەشقەر شەھەرلىك خەلق مەيدانىغا ۋە ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى تارماق يىغىن مەيدانلىرىغا يىغىلىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
قەشقەر ۋىلايىتىدە 100 مىڭ پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قەسەم بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «بىرىكمە مۇشت» پىلانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىنى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس يولداش مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىمدىن ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى توپلاپ، ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پولاتتەك جاسارىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادىنى نامايان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم»لەرگە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
قەسەم بېرىش يىغىنىدا. قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياسىن سىدىق ئالدى بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش كۈرىشىدە قەتئىيلىك بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا نەمۇنە بولۇشقا ۋە شۇنداقلا بىردەك ئەيىبلەش، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلدى.
ياسىن سىدىقنىڭ باشچىلىقىدا، قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشقان 100 مىڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئەستايىدىللىق بىلەن ئوڭ مۇشتىنى كۆتۈرۈپ، كوللىكتىپ قەسەم بەردى. جاراڭلىق ۋە ياڭراق قەسەم ئاۋازلىرى كۆكتە ياڭرىدى. كۆپچىلىك بەس-بەس بىلەن ئىرادە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم»لەر بىلەن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار « ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىش، بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش، ‹ئۈچ خىل كۈچ› ۋە ‹ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم›لەرگە قەتئىيلىك بىلەن تولۇق زەربە بېرىش، تولۇق كولاپ چىقىرىش، تولۇق سۈپۈرۈپ تازىلاش» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا-پىلاكاتلارنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىسىملىرىنى يېزىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى