باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا يولۇچىلارنىڭ خاتىرە كومپيۇتېرنى يېنىدا ئېلىپ چىقىپ خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچىلار بۆلۈمىگە كىرىشىنى مەنئى قىلىدىكەن

2017.05.31 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بايلىقى بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېگەن: مەن ھازىر ئامېرىكىدىن چىقىدىغان ۋە ئامېرىكىغا كىرىدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچىلار بۆلۈمىگە يېنىدا خاتىرە كومپيۇتېرنى ئېلىپ يۈرۈپ كىرىشنى مەنئى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. جون كېللىي يەنە مۇنداق دېگەن: بەزى ئالامەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېنىدا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە ئېلىۋېلىپ ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچىلار بۆلۈمىگە كىرىش خەلق ئاۋىياتسىيەسىگە «ھەقىقىي تەھدىت» ئېلىپ كېلىدۇ.

  كېللىي يەنە فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ «يەكشەنبە» پىروگراممىسىدا مۇنۇلارنى دېگەن: بۇ شەكىلدىكى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئەمەلىيەتتە بۇ يىل 3- ئايدىكى يەنە بىر مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنىڭ كېڭىيىشى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ھەر كۈنى ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى ئون نەچچە شەھەردىن ئامېرىكىغا ئۇچىدىغان 50 نەچچە نۆۋەتچى ئايروپىلان 3- ئايدىكى شۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، خاتىرە كومپيۇتېرنى ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچىلار بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ يۈرۈش مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. بىز ھازىر تېخى ئويلىشىۋاتقان بۇ شەكىلدىكى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىدا ئۈسكۈنىنىڭ ھەجمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونىدىن چوڭ بولغان ھەرقانداق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم ھاۋالىلىك توشۇشقا بېرىلىشى كېرەك بولىدۇ.

  خەلق ئاۋىياتسىيەسى ساھەسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىللىق ياز پەسلىدە، ھەر ھەپتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار 3250 قېتىمغا يېتىدىكەن. ئەنگلىيە ھازىر تۈركىيە، لىۋان، ئىيوردانىيە، مىسىر، تۇنىس ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا قارىتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ. كېللىي ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى بىريۇسسېل بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، خاتىرە كومپيۇتېرنى ئايروپىلان بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىشنى مەنئى قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر