باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەت تۆلىمىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىنى ئېلان قىلدى

پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىنسا كۈنىگە 258.89 يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ

2017.06.01 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 31-ماي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرزى تەپتىش نازارىتى 31-ماي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىدىن تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئورگانلارنىڭ دۆلەت تۆلەم دېلوسىنى بېجىرگەندە، يېڭى كۈنلۈك تۆلەم ئۆلچىمى 258.89 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرزى تەپتىش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىدا: «پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا، ھەر كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ 67569 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. يۇقىرىقى قانۇن بەلگىلىمىسى، ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇمات، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مائاش ھېسابلاش فورمۇلاسىغا ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنغان دۆلەت تۆلەم دېلوسىغا قارىتا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىلتىماسەن ئەرزى تەپتىش نازارىتى يېڭى كۈنلۈك تۆلەم ئۆلچىمىنىڭ 258.89 يۈەن بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تۆلىمى دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 21-ماددا 2-تارمىقىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ مەزكۇر تۆلەم ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر