باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاڭزۇڭزا بايرىمى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت بازىرى قىزىدى

مەملىكەت بويىچە 82 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى

2017.05.31 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 30- ماي ئېلان قىلغان 2017- يىللىق تاڭزۇڭزا بايرىمى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت بازىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرىدىن كۆرسىتىلىشىچە، تاڭزۇڭزا بايرىمى مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان، ساياھەتكە چىققان ئادەم (قېتىم) داۋاملىق ئاشقان، ساياھەت بازىرى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجدىن ئىبارەت ھەر ئىككى جەھەتتىن ئۈستۈن بولغان، يۈرۈشۈشىمۇ مۇقىم بولغاان. دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۆلچەرلىشىگە ئاساسلانغاندا، 2017- يىللىق تاڭزۇڭزا بايرىمىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە 82 مىليون 600 مىڭ ئادەم (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، ساياھەتچىلىك كىرىمى 33 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  قولۋاق مۇسابىقىسى، تاڭزۇڭزا يېيىش ۋە قەدىمىي بازارنى ساياھەت قىلىش دېگەندەك مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھىتى تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. لۈ ماما ساياھەت تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە مەزكۇر سۇپا ئارقىلىق سەپەرگە چىققان ساياھەتچىلەر ئىچىدە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەت تۈرىنى تاللىغان ساياھەتچىلەر ئەتراپتىكى ساياھەت نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلغانلارنىڭ %40نى ئىگىلىگەن. چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىش جەھەتتە، چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئەترىتى سىستېمىدىن كۆرسىتىلىشچە: دەم ئېلىش مەزگىلىدە چېگرادىن چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى ئىككى مىليون 710 مىڭ ئادەم ( قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان. نۇرغۇن كىشىلەر مائاشلىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ، 31- ماي، 1- ئىيۇن ۋە 2- ئىيۇندىن ئىبارەت ئۈچ كۈننى تاڭزۇڭزا چاغىنى ۋە شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈننى قوشۇپ سەككىز كۈن قىلىپ ساياھەتكە چىققان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر