باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلەتتى

2017.06.01 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا 31-ماي ھوقۇق بېرىلىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» نى ئېلان قىلدى. بۇ «پىكىر» نى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ھەر خىل سىياسەت قوراللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ كۆلىمى ۋە تىجارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ بازارغا كىرىشى، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  «پىكىر» دە ئاساسىي تۈزۈمدە، بازار يۆنىلىشىدە، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۆۋەندىكىدەك ئاساسىي نىشان بېكىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە جىپسىلاشتۇرۇلغان، دۆلەت مالىيە كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ماس كېلىدىغان سېلىنمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمى ۋە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئۈنۈمنى باھالاش مېخانىزمىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، رامكىسى مۇكەممەل، تەدبىرى دەل جايىدا، مېخانىزمى ئۈنۈملۈك بولغان سىياسەت قوللاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ بازارغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سىياسەتنىڭ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، بۇ: يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى كۆپ مەنبەلىك يۇغۇرما تەرەققىياتقا يېتەكلەش، كۆپ يوللار ئارقىلىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، كۆپ خىل ئەندىزە ئارقىلىق مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش: مالىيە بېجى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە كرېدىت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، سۇغۇرتىنى قوللاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ماركېتىڭ بازىرىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر