خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ماي، جۇڭگو شىنجاڭ 11-نۆۋەتلىك سايرام كۆلىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى مۇسابىقە بۆلىكى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە سايرام كۆلىنىڭ ھىلال ئاي قولتۇقىدىن باشلاندى. ئۇزۇنلۇقى 62 كىلومېتىر، تەبىئىي مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولغان بۇ مۇسابىقە بۆلىكىدە ماھىرلار سايرام كۆلى سانغۇن ئاتاش مۇنبىرى، سايرام كۆلى غەربىي يايلىقىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولغان سايرام كۆلى جەنۇبى قوۋۇقىغا يېتىپ كېلىپ، مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
مۇسابىقە كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك شامال تەنھەرىكەتچىلەرگە نىسبەتەن كۈچلۈك سىناق ئېلىپ كەلدى، مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن، 30-ماي بىرىنچى مۇسابىقە باسقۇچىدىكى نەتىجىسى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە تۇرغان جۇڭگو RTS مەي تېڭ ئەترىتى، ياتاچى گاۋشىتى سەرخىللار ئەترىتى ۋە شىنجاڭ جەنۇبىي جۇڭگو مەبلەغچىلىكى ئەترىتى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولدى، 1-مۇسابىقە بۆلىكىدە، بۇ ئۈچ كوماندا مەيلى كوللېكتىپ ياكى شەخسىي جەھەتتىن بولسۇن، نەتىجىدە ئالدىنقى ئۈچىنچى ئورۇندا ئىدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 20 كىلومېتىر مۇساپە تۈگىگەن چاغدا، بىر نەچچە كۈچلۈك كوماندىلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي كۈچ سىنىشىشتىن كېيىن، CNN كوماندىسىدىكى ئۈچ كىشى چوڭ قوشۇندىن كۈچەپ بۆسۈپ چىقتى، شەخسىي نام بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان چېن خاۋمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ، چوڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ چىقتى.
مۇسابىقە ئاخىرلىشىش نۇقتىسىغا ئاز قالغان چاغدا، ئۈچ ماھىر ئالدى-كەينى بولۇپ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلدى، CNN كوماندىسىدىكى سام كىرىستىئېن 1-بولۇپ ئاخىرقى پەللىگە يېتىپ كېلىپ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولدى، شەخسىي نام بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان چېن خاۋ 2-لىككە، CNN كوماندىسىدىكى جېك كلاچىنس 3-لىككە ئېرىشتى.ئىككى كۈنلۈك سايرام كۆلىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى شۇنىڭ بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى، ئومۇمىي نەتىجىدە جۇڭگو RTS مەي تېڭ ئەترىتىدىن تۇلخانگاي تۇغۇلدۇر 1-لىككە، شىنجاڭ جەنۇبىي جۇڭگو مەبلەغچىلىكى ئەترىتىدىن مىكا 2-لىككە، ياتاچى گاۋشىتى سەرخىللار ئەترىتىدىن شۈ جىنلىڭ 3-لىككە ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى