خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 31- كۈنى، كېنىيە مومباسادىكى مومباسا-نايروبى تۆمۈريولىنىڭ مومباسا غەربىي ۋوگزالىدا، پويىز شوپۇرى ئالىس (سولدا)، كېنسىلىنا (ئوتتۇرىدا) ۋە يولۇچىلار پويىزىنىڭ يېتەكچى شوپۇرى تۇ جۇشىن مومباسا-نايروبى تۆمۈريولىدىكى تۇنجى نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقىش ئالدىدا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 11 دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئالغان كېنىيە مومباسا-نايروبى ئۆلچەملىك رېلىسلىق تۆمۈريولى (مومباسا-نايروبى تۆمۈريولى)دا تۇنجى نۆۋەتچى پويىز يولغا چىقتى، مومباسا- نايروبى تۆمۈريولى پۈتۈپ رەسمىي قاتناش باشلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى