- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافغانىستان پايتەختىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى يۈز بەردى
2017.06.01 15:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا 31-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 80 ئادەم قازا قىلدى، 350 ئادەم يارىلاندى. ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى رامىزان مەزگىلىدە ھۇجۇم قوزغاش «قورقۇنچاق»لىقنىڭ ئىپادىسى، دېدى.
ھۇجۇم شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن 25 مىنۇت ئەتراپىدا، پايتەخت شەھەر رايونىنىڭ 10-مۇھاپىزەت رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ئافغانىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى پارتلاشتا يەنە ئاز دىگەندىمۇ 50 ئاپتوموبىل بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، دېدى.
ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل ئىشقا بېرىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يول بۆلەكلىرى ئەتراپىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نەچچە تارماقلىرى، چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى ھەمدە خەلقئارا ئورگانلار بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە پارتلاش يۈز بەرگەن ئورۇنغا ئەڭ يېقىن بولغان گېرمانىيە ئەلچىخانىسى، ھىندىستان ئەلچىخانىسى ھەمدە ئافغانىستان «بىرىنچى قانال» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، روسان تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئىمارەتلىرى نىسبەتەن ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر