باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«100 مىڭ جياڭسۇلۇق ساياھەتچىنىڭ ئىلىنى ساياھەت قىلىشى» پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس پويىزى كۈيتۈنغا يېتىپ كەلدى

2017.06.01 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي سائەت 17دە، Y123–قېتىملىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ بېكەتكە كىرگەندىكى گۈدۈك ئاۋازى بىلەن 400دىن ئارتۇق جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ئوڭۇشلۇق كۈيتۈنغا يېتىپ كەلدى. بۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، شۈجۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۈستىگە ئېلىپ ئۇيۇشتۇرغان 2017-يىللىق «100 مىڭ جياڭسۇلۇق ساياھەتچىنىڭ ئىلىنى ساياھەت قىلىشى» پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

  يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىلىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىغا قەدەم قويۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ شوخ، قىزغىن «مەشرەپ» مۇزىكىسى ۋە قازاقلارنىڭ جانلىق «قارا يورغا» مۇزىكىسى قويۇلۇپ، مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ئون نەچچە قازاق يىگىت-قىز شوخ ئۇسسۇللىرى ۋە ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلارنى قارشى ئالدى. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ۋە لەرزان ئۇسسۇللىرى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ئۇلار يانفون ۋە فوتو ئاپپاراتلىرى بىلەن بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى تارتىۋالدى. نەق مەيداندىكى كەيپىياتنىڭ تەسىر قىلىشى ئاستىدا، ساياھەتچىلەرمۇ ئۇسسۇلچى قىز-يىگىتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەت مەيدانىنى قاينام تاشقىنلىققا ۋە خۇشاللىققا تولدۇردى.

  «100 مىڭ جياڭسۇلۇق ساياھەتچىنىڭ ئىلىنى ساياھەت قىلىشى» پائالىيىتى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلىغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى دۆلەتنىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا ئەۋەتىش» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەتلىك رايون ساياھىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى قوللاش، «ئىلى. خەلقئارا ساياھەت جىلغىسى» ۋە «چېگرا بوستانلىقى. گۈزەل ئىلى»دىن ئىبارەت ئىككى ئىسىم كارتىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، 2015 ـ يىلىدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىل يولغا قويۇلغان. 2017-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى 400دىن ئارتۇق جياڭسۇلۇق ساياھەتچى ئىلىدا تۆت كۈن تۇرۇپ، كۈيتۈن ۋە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىدا ساياھەت قىلىدۇ. كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ جياڭسۇلۇق ساياھەتچىلەر ئىلىغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى خەلق بىلەن ئىلى خەلقىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر