خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن ئەرلەر پىيادە مېڭىپ ھېس قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە 2017-يىللىق ئەرلەر ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ پىيادە مېڭىپ ھېس قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەرلەرنى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ پىيادە بىر مىل (تەخمىنەن 1.6 كىلومېتىر) مېڭىپ، ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىشىنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئاياللارغا زورلۇق قىلىشنى توختىتىش مەسىلىسىگە بولغان تونۇشى ئۆستۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى