باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يورۇقلۇق سەپىرى» تۈرى داۋاملىق يولغا قويۇلماقتا

2017.06.01 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-ماي، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىدىكى تۆت كارخانا ۋە فوشەن شەھەرلىك باش سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزا ئورۇنلىرى پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا 400 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يورۇقلۇق سەپىرى» تۈرىنى داۋاملىق يولغا قويۇشىنى قوللىدى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى فوشەن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يورۇقلۇق سەپىرى» تۈرى فوشەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى پىلانلاپ تەشكىللىگەن، ھۆكۈمەت يېتەكلىگەن، خەلق قوللىغان، نامرات ئائىلىلەردىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلارنى قۇتقۇزۇش مەقسەت قىلىنغان نامراتلارنى يۆلەش تۈرى بولۇپ، بۇلتۇر 4-ئايدا يولغا قويۇلغان. شەرتكە ئۇيغۇن، كۆزىگە ئاق چۈشكەن بىمارلار پۈتۈنلەي ھەقسىز داۋالىنىدىغان بولۇپ، يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كۆتۈرىدىغان قىسمىدىن سىرتقى قىسمى فوشەندىكى كارخانىچىلارنىڭ ئىئانىسى ۋە پەيزاۋات ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش مەبلىغى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ. بۇلتۇر، فوشەن باش سودا ئۇيۇشمىسى 300 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق 542 بىمار داۋالىنىشقا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر