سۈرەتتە: خەلق ساقچىسى يولۇچىلاردىن سوئال سورىماقتا
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساياھەتچىلىكنىڭ بارغانسىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى زور مىقداردا ئاشتى. ئۈرۈمچى تۆمۈل يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى ساقچىخانىسى تەكشۈرۈش تەجرىبىسى مول ساقچىلارنى مەخسۇس ئاجرىتىپ بېكەتكە كىرىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزلىرىغا قويۇپ، روھىي ھالىتى گۇمانلىق، يۈرۈش-تۇرۇشى گۇمانلىق، تەقى-تۇرقى گۇمانلىق، يارىسى گۇمانلىق، نەرسە-كېرىكى گۇمانلىق، سۆزى گۇمانلىق كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلىپ تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت «ئالتە گۇمانلىقنى تەكشۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۇقتىلىق ئادەملەرنى تولۇق تەكشۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى