خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرگە «جۇڭگو-گېرمانىيە مۇنبىرى ـــــ ئورتاق يېڭىلىق يارىتىش»قا قاتناشتى ۋە نۇتۇق سۆزلىدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىل ئىلگىرى جۇڭگو-گېرمانىيە «ئورتاق يېڭىلىق يارىتىش» باش تېمىسىدىكى «جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىق ھەرىكەت تېزىسى»نى ئېلان قىلغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى» ۋە «گېرمانىيە ئىستراتېگىيەسى»نى ئېلان قىلىپ، چوڭ دۆلەتلەر پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى ياراتتى. «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن گېرمانىيەنىڭ «سانائەت 4.0»نى تۇتاشتۇرۇش، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە كارخانىلارنىڭ «2+2» ھەمكارلىق ئەندىزىسى قاتارلىقلاردا پۇختا قەدەم تاشلاپ، ئۆزگىچە جۇڭگو-گېرمانىيە كەسىپلەر رايونى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى بايلىقنى يۈكسەك دەرىجىدە تولۇقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدىكى «قاملاشقان شېرىكلەر»دىن بولدى. كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى جۇڭگو-گېرمانىيە ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا كۈچلۈك «موتور» ئورنىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى