خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-ماي، شىنجاڭ «جۇڭشىن» خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش دېرىكتورى خۇ شيەنچۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ساياھەت بازىرى بارغانسىرى پىشىپ يېتىلمەكتە، تەسىر كۈچىمۇ بارغانسىرى ئاشماقتا، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى بېيجىڭدا ئۇتۇقلۇق ئېچىلغاندىن كېيىن، چېگرا ھالقىغان ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ساياھەتچىلەرمۇ توختىماي تېلېفون قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەت لىنىيەسىگە ئائىت سوئاللارنى جىق سورىدى.
7-ئاينىڭ بېشىدا، بۇ كوپىراتىپ «ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش» چېگرا ھالقىغان ساياھىتىنى تەشكىللىمەكچى ھەمدە بۇ ساياھەت لىنىيەسىنى ئۇزارتىپ، ساياھەتچىلەرگە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسىدىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ يەرلىك ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلدۇرماقچى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى» قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ ئاساستا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى «ساياھەتچىلىكنى ئالدىن ماڭدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ساياھەتچىلىك يىغىش-تارقىتىش مەركىزى قۇرۇش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش» چېگرا ھالقىغان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش تۈرىدىن باشقا، 2016-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يەنە «تەڭرىتاغ كارىدورىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، دۇنيا مىراسلىرىنى ئىزدەش» جۇڭگو-قازاقىستان-قىرغىزىستان ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش، جۇڭگو-تاجىكىستان كارىدورى پامىر ئېگىزلىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش قاتارلىق چېگرا ھالقىغان يېڭى ساياھەت تۈر-لىنىيەلىرىنى يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو-قازاقىستان-قىرغىزىستان، جۇڭگو-تاجىكىستان ئاپتوموبىل ھەيدەپ چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىكنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى، جۇڭگو-رۇسىيە-قازاقىستان-موڭغۇلىيە ئالتاي تېغىنى ئايلىنىش ئاپتوموبىل ھەيدەپ چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىكى بارغانسىرى پىشىپ يېتىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ساياھەت قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ھەمدە ئۆتەڭ بېكىتى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى؛ ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى