باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» دىن چېكىنگەنلىكىدىن ئىنتايىن ئۈمىدىسزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى

2017.06.02 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتتېررىس 1-ئىيۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگۈرىشىگە ئالاقىدار «پارىژ كېلىشىمى» دىن چېكىنىشى دۇنيانىڭ پارنىكتىن گاز چىقىرىشنى ئازايتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى.

  ب د ت نىڭ باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى بۇجاررىك شۇ كۈنى نيۇيورك ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا گۇتېررىسنىڭ باياناتىنى ئوقۇدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» دىن چېكىنىش قارارىنى جاكارلىغانلىقى دۇنيانىڭ پارنىكتىن گاز چىقىرىشنى ئازايتىش، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىغا ئىنتايىن زور ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كەلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر كىلىمات ئۆزگۈرىشىگە ئالاقىدار «پارىژ كېلىشىمى» نى ماقۇللىدى، چۈنكى ئۇلار كىلىمات ئۆزگۈرىشىنىڭ ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ۋە كىلىمات ئۆزگۈرىشىگە مۇناسىپ تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى قوللىنىشنىڭ غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ «كېلىشىم» بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەت قوللىشىنى ئەھمىيەتلىك ۋە جانلىق رامكا بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر