خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى) 1-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، غايىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلەيلى» تېمىسىدا 5-قېتىملىق سەنئەت بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن 252 ئوقۇغۇچى يېڭىدىن پىيونېرلىققا تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ بايراملىق تەييارلىغان مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، 68-قېتىملىق خەلقئارا بالىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
سۈرەتتە: ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى