باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى:

بىز، ياپونىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

2017.06.02 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشىغا قارىتا، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 1- ئاپرېلدىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز، ياپونىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىشىنى، يەنىلا تىنچ تەرەققىيات يولىغا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مۇخبىر مۇنداق سورىدى: ئابى شىنزو تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىغا، بولۇپمۇ شۇ ئاساسىي قانۇننىڭ 9- ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولىۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق، ئۇ، ياپونىيە ئارمىيەسىنى «قانۇنلۇقلاشتۇرۇش»ى، ھەمدە كېلەر يىلى بۇ مەسىلىنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشى مۇمكىن. سىلەر جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلەمسىلەر؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياپونىيەنىڭ شۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئىشىنى ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دەپ قارامدۇ؟ سىلەرچە، شۇ رايوندىن ئەندىشە قىلىش كېرەكمۇ؟

  خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خەلقئارا جەمئىيەت، بولۇپمۇ ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى يۈزلىنىشىگە ئىزچىل ھالدا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھوشيار تۇرىۋاتىدۇ. بىز، ياپونىيە تەرەپنىڭ تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھىغا رىئايە قىلىشىنى، يەنىلا تىنچ تەرەققىيات يولىغا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشقا سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر