باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يۇمشاق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانى دۇنياغا كەلدى

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ

2017.06.05 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كارخانىسى بولغان ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى يېقىندا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يۇمشاق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتىنىڭ خەلقئارادا تۇنجى قېتىم يۇمشاق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە 350 ± كىلوۋولتتىن 800± كىلوۋولتقا ئۆستۈرگەنلىكى، توك يوللاش سىغىمىنى ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە 1 مىليون كىلوۋولتتىن 5 مىليون كىلوۋولتقا ئۆستۈرۈپ، تۇراقلىق توك يەتكۈزۈشنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانى يۇمشاق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈشنىڭ يۈرىكى، تۇراقلىق توك ۋە ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشىدىكى كۆۋرۈك، ئۇنىڭ يۇمشاق تۇراقلىق توك ئاساسىي ئۈسكۈنىسىدىكى تېخنىكا تەركىبى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات ئەترىتى بۇلتۇر 9-ئايدىن باشلاپ، ھالقىلىق تېخنىكا تەتقىقاتى، جابدۇق تەتقىق قىلىپ ياساش، قۇرۇلۇش توپلاشتۇرۇش لايىھەسى جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئىچكىرىلەپ تەتقىق، ئانالىز قىلىپ، دەلىللەپ، توققۇز ئاي ۋاقىتتا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يۇمشاق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش كىلاپانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مەھسۇلات ھازىرقى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ يىراقتىن كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزەلمەسلىك، پەقەت ئوت كۈچى ئېلېكتىرى بىلەن بىرلىشىپ سىرتقا يەتكۈزۈش ياكى ئۆز جايىدا يېقىن ئارىلىقتا يەتكۈزۈشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر