باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوبزور: ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىياتى بولسا باش نىشانغا يېتىشتىكى پۇختا قەدەمدۇر

2017.06.02 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئىيۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات-ئىلگىرىلىشى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، ئوچۇق ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەن، ھەمدە سەمىمىي ھالدا دۇنياغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئەتراپلىق شەرھىلىدى.

  ئەسەرنىڭ 12 مىڭ خەتتىن ئوشۇقراق بۆلىكىدە، ئاق تاشلىق كىتاب ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىياسىي ھوقۇق، پۇقرالىق ھوقۇقى، ئىقتىسادىي ھوقۇق، ئىجتىمائىي ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلار ھوقۇقىدىن ئىبارەت سەككىز تەرەپتىن ئەتراپلىق شەرھىلەپ، مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىنىڭ ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ۋە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلدى؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ھۆرمەتلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىگە قارىتا يەكۈنلەش ۋە تەكشۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارانىڭ شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا پائال رول ئوينايدۇ.

  ئاق تاشلىق كىتابتا ئىپادىلەنگەن بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار، بىر قاتار ئۆزگىرىش ۋە نەتىجىلەر بىزگە ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ شىنجاڭ زېمىنىدا نامايان بولغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تولۇق بەھىرلىنىۋاتقان ئىززەت-ھۆرمەت، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى كۆرسەتتى؛ مەيلى نوپۇسىنىڭ ئاز ياكى كۆپ، تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن، دىنى ئېتىقادىنىڭ ئوخشىمايدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر مىللەت خەلقى باراۋەر ئورۇنغا، پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە؛ شىنجاڭ پۇقرالارنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل سوتلاش ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىن ئىپادىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى قانۇن بويىچە تولۇق ھۆرمەتلەندى ۋە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىندى؛ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى؛ شىنجاڭدا، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلۇقلىرىنى قوغداپ، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى توسۇپ، سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، نورمال دىنىي پائالىيەت قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.....ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، پۇقرالارنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھوقۇق، مەدەنىيەت ھوقۇقى، مۇھىت ھوقۇقى ۋە ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، مېيىپلار ھوقۇقى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يېتىپ باردى، بۇ ئەمىلىي نەتىجىلەر، شىنجاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا شاھىت بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر