باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى لايىھەسى قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدۇ

2017.06.05 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى (لايىھە) » 8-ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. 3-ئىيۇن، بېيجىڭ چەت ئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى تۈزۈش ۋە تەرەققىيات» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىدىكى ئالاقىدار زاتلار: ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، جۇڭگو ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ باشلىقى پېڭ سېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى تۈزۈش تور ئىقتىسادى ساھەسىنىڭ ئاساسلىق قائىدىسى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئورتاق تۈزەشتىكى ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتى ۋە قانۇن چىقىرىشتىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشقا قاتنىشىىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا دوكلاتى (2016)»غا ئاساسلانغاندا، 2016- يىللىق جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمىتىنىڭ سودا سوممىسى 26 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.8 ئاشقان، سودا سوممىسى پۈتۈن يەر شارى ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش بازىرىنىڭ %39.2نى ئىگىلەپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ توردا پارچە سېتىش بازىرى بولۇپ قالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر