باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز پۇتبول مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۆت يىلدا 816 پۇتبول مەيدانى ياسىلىدۇ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست %40نى ئىگىلەيدۇ

2017.06.02 16:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە 816 پۇتبول مەيدانىنى رېمونت قىلىپ، ئۆزگەرتىپ ۋە يېڭىدىن ياساپ، ھەر 14 مىڭ كىشىگە بىر پۇتبول مەيدانى توغرا كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، تەنتەربىيە ئىدارىسى يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇتبول مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى(2017- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلىپ، پۇتبول مەيدانى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبول تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش قىلدى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 816 پۇتبول مەيدانى ياسىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست %40نى ئىگىلەيدۇ. شۇ چاغدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇتبول مەيدانى 1652دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

  رېمونت قىلىنىدىغان، ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىغان ۋە يېڭىدىن ياسىلىدىغان 816 پۇتبول مەيدانى ئىچىدە، مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول مەيدانى 500، جەمئىيەتتىكى پۇتبول مەيدانى 316 بولۇپ، شەھەر ۋە يېزا- كەنتلەردىكى قاقاس يەر، تاشلاندۇق يەر، باغچا، ئورمان يېرى، زاۋۇت ئۆيلىرى، ئۆگزە قاتارلىق جايلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، يەتتە كىشىلىك ۋە بەش كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر تۈركۈم ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچان مەيدان ياسىلىدۇ.

  «يىرىك پىلان» بويىچە يەنە قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستىدا يېڭىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بەش پۇتبول مەشىق بازىسى قۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنىڭ نەتىجىسى مەملىكەت بويىچە گەۋدىلىك بولدى. 2010- يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مەخسۇس تۈر خىراجىتى ئاجرىتىپ، پۇتبول مەكتەپلىرىنى قۇردى. بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز تۇنجى قېتىم پۈتۈن جەمئىيەتكە قارىتىلغان پۇتبول ھەرىكىتى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى، بۇ ھەم ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىك، شۇنىڭدەك ئاپتونوم رايونىمىز پۇتبول تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئۈنۈملۈك سۇپا ھازىرلاپ بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۇتبول مەيدانى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كۈچى قاتناشتۇرۇلىدىكەن، كارخانا، ئىجتىمائىي كاپىتال قاتارلىقلار ئۇل خاراكتېرلىك، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدىكى پۇتبول مەيدانى ياسىسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر