باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاخىرقى قېتىملىق» ئەدلىيە ئىمتىھانى 9-ئايدا ئېلىنىدۇ

دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىنى يولغا قويۇش چارىسى تۈزۈلىۋاتىدۇ

2017.06.06 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، كېلەر يىلى دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا تەڭشىلىدۇ. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 5-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت ئەدلىيە ئىمتىھانى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جيا لىچۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانى 9-ئاينىڭ 3-ھەپتىسىنىڭ ئاخىرى، يەنى 9-ئاينىڭ 16-،17-كۈنى ئېلىنىدۇ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ ئوقۇش تارىخى شەرتى يەنىلا ئالىي مەكتەپ قانۇن كەسپى تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزگەن ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ قانۇن كەسپىدىن باشقا كەسىپ تولۇق كۇرسىنى پۈتكۈزگەن ھەم قانۇن كەسپىي بىلىملىرىنى بىلىدىغان بولۇشى كېرەك، تىزىمغا ئالدۇرۇش شەكلى، ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر قاتارلىقلار ئۆزگەرمەيدۇ.

  بۇ يىللىق ئەدلىيە ئىمتىھانىدا شەرتنى قويۇۋېتىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتى قويۇۋېتىلگەن رايونلاردا يولغا قويۇلغان تىزىمغا ئالدۇرۇش ئوقۇش تارىخى شەرتى، تەدبىرى ئۆزگەرمەيدۇ، بىراق ئىمتىھانغا قاتنىشىش شەرتى قويۇۋېتىلىدىغان رايونلارنىڭ دائىرىسى سەل كېڭەيتىلىدۇ. بۇ يىل خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چوڭ-كىچىك ھىنگان تېغى ئورمان رايونىدىكى 37 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارغا ئايرىلغان ئورۇنلار ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتى قويۇۋېتىلگەن جايلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونغا ئايرىلغان بۇ 37 جايدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىمغا ئالدۇرۇش ئوقۇش تارىخى شەرتى قانۇن كەسپى مەخسۇس كۇرسىنى پۈتكۈزگەن بولۇشقا قويۇۋېتىلدى.

  جيا لىچۈن جەمئىيەتنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتقان دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزىۋاتىدۇ. قانۇن كەسپىدىن باشقا كەسىپنى پۈتكۈزگەنلەر دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپىي سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشالامدۇ-يوق؟ يولغا قويۇش چارىسىدە قانۇن كەسپىي قوشۇنىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئېھتىياج، شۇنداقلا ھازىرقى قانۇنشۇناسلىق مائارىپىنىڭ تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ مۇشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان-قاندۇرالمايدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلىدۇ ۋە پىرىنسپىتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ھەم جامائەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆزلىمىسى تولۇق نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر