باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىمتىھان مەزگىلىدىكى مېھىرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارنى توشۇشنى رەسمىي باشلىدى

2017.06.05 15:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر يىلدا بىر كېلىدىغان ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ئۈرۈمچى شەھىرى 12 يىل داۋاملاشتۇرغان مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى توشۇش ئاپتوموبىل ئەترىتى يەنە يولغا چىقتى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۈچ مىڭدىن كۆپ تاكسى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھان مەيدانىغا ھەقسىز ئاپىرىپ قويىدۇ.

  ئايال شوپۇر نى شۆرۇڭ ئۇدا ئالتە يىل ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرنى ئىمتىھان مەيدانىغا يەتكۈزۈپ قويدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئوغلىمىز ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ۋاقىتتىمۇ تاكسى ئاپىرىپ قويغانىدى، مەنمۇ بۇ مېھرى شەپقەتنى داۋاملاشتۇرىمەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يولۇچىلار تىرانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈپ توشۇش قىزىق لىنىيەسى ئېچىۋېتىلدى، يولۇچىلار تىرانسپورتىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شاۋ فىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە بەزى ئاتا-ئانىلار 317 تاكسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشىپ قويدى، ئېلان قىلىش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلدى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىن كېلىشىشىگە تولۇق ۋاقىت بار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر